خەۋەر

WordPress نىڭ Google خەت نۇسخا قىستۇرمىسى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىندى

WordPress نىڭ Google خەت نۇسخا قىستۇرمىسى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىندى


Google Fonts خەت نۇسخا ئامبىرىدا جەمئىي 1455 خىل خەت نۇسخىسى بار. تور بېكەت باشقۇرغۇچىسى مەزكۇر قىستۇرما ئارقىلىق خەت نۇسخىلىرىنى ئۆزىنىڭ WordPress تور بېكىتىگە ئىشلىتەلەيدۇ.

پۈتكۈل تور بېكىتىڭىزگە بىر خىللا خەت نۇسخىسى ئىشلەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ماۋزۇغا بىر خىل خەت نۇسخىسى، مەزمۇنغا يەنە بىر خىل خەت نۇسخىسىنى تاللاپ ئىشلىتەلەيسىز.

قايسى خەت نۇسخىسىنىڭ تور بېكىتىڭىزدە چىرايلىق كۆرۈنىدىغانلىقىنى بىلىش تەس. بۇ دەل بىزنىڭ شۇئان ئالدىن كۆزىتىش ئىقتىدارىنى تەمىنلىشىمىزنىڭ سەۋەبى، بۇنداق بولغاندا ھەر بىر خەت نۇسخىسىنى سىناپ، شۇ خەت نۇسخىدا تور بېكەت مەزمۇنىنىڭ قانداق كۆرۈنىدىغانلىقىنى شۇئان كۆزىتەلەيسىز.

سىز ياقتۇرىدىغان بىرلەشمە خەت نۇسخىسىنى تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن، تەڭشەكنى ساقلىسىڭىز، ئۆزگىرىشنى بېكەت بەتلىرىدە كۆرگىلى بولىدۇ.

تولۇق Google خەت نۇسخا ئامبىرىنى Google خەت نۇسخا دىن تاپقىلى بولىدۇ.

مەزكۇر قىستۇرمىنىڭ تەپسىلاتىنى WordPress نىڭ Google خەت نۇسخا قىستۇرمىسى بېتىدىن كۆرۈڭ.

ئېكران كەسمىسى

WordPress ئۈچۈن Google خەت نۇسخىسى – شۇئان ئالدىن كۆزىتىش

جاۋاب يېزىش